ئەنگىلىيە: تۈركىيە بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مەسىلىسىدە ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى؛ ھەربىي، ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەنگىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى

118875
ئەنگىلىيە: تۈركىيە بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مەسىلىسىدە ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى؛ ھەربىي، ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەنگىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
دەيۋىد كېمىرىن، ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسىغا ئۆتكەن ھەپتە گالېردا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كېمىرىن، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە تۈركىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈش مەسىلىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ناتو يىغىنىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كېمىرىن، «تۈركىيە چېگرا رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ناھايىتى كۆپ قەدەم تاشلىدى ھەمدە ھەربىي، ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەنگىلىيە بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە كۈرتلەرگە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن كېمىرىن، «بۇ، ھەم قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش ھەمدە ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئىراقلىقلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن كېمىرىن، رايون دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. كېمىرىن، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن رايونلۇق كۈچلەرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىتىگە قارشى قانداق ئويلاۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى خەۋپىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر