ياۋروپانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا مۇساپىرلار كىرزىسى يۈز بەردى

ياۋروپانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا مۇساپىرلار ئىسيان كۆتۈردى.

116626
ياۋروپانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا مۇساپىرلار كىرزىسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى كالە شەھرى ئەنگلىيەنىڭ پورت شەھرى بولغان دوۋېرغا ئۆتمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنىڭ ئىسيانلىرىغا سەھنە بولدى.
كۆپىنچىسى ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئونلارچە كۆچمەن، ناھايىتى ناچار شارائىتلاردا ياشاۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ساقچىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ ئەنگلىيەگە بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
كالە ھۆكۈمەت باشلىقى ناتاشا بۇشار كۆچمەنلەرگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى، يەرلىكلەرنىڭمۇ نارازىلىقلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. شەھەرنىڭ 1300 ئەتراپىدا ئوتتۇرا شەرقلىق، ئاسىيا ۋە ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان بۇشار، ئەنگلىيە تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە كالە پورتىنى تاقىۋېتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ نۇرغۇن مەسئۇللار، ئەنگلىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە تەدبىر ئالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، كۆچمەنلەرنىڭ ئەنگلىيەدە قانۇنسىز ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشىنىڭ ئەنگلىيەنى جەلپ قىلارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر