پاكىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋام قىلىۋاتىدۇ

پاكىستاندا باش مىنىستىر ناۋاز شېرىفنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئونمىڭلارچە ئادەم پارلامېنت بىناسىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

96709
پاكىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋام قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئونمىڭلارچە ئادەم پاكىستان پارلامېنتىغا قاراپ يۈرۈدى. نامايىشچىلارنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادتا «چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتىلىدىغان، پارلامېنتتىن باشقا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان رايونغا بارىدىغان يولدىكى توساقلارنى ئېلىۋەتكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ بولسا نامايىشچىلارغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئىمرانخان باش مىنىستىر ناۋاز شېرىفنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئۈچۈن بېرىلگەن 48 سائەتلىك مۇددەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «چەكلەنگەن رايون» دېيىلىدىغان ھۆكۈمەت بىنالىرى جايلاشقان رايونغا كىرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پاكىستان خەلق ھەرىكىتى رەھبىرى تاھىر ئۇلقادىر ئىنقىلاب قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا پاكىستانغا قايتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئىمرانخان پاكىستاندا ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى 14 – ئاۋغۇستتىن بۇيان باش مىنىستىر شېرىفنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر