مالىكى ئىراق پىرېزىدېنتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلماقچى

نۇرى ئەل مالىكى ئىراق پىرېزىدېنتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

118944
مالىكى ئىراق پىرېزىدېنتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى ۋەزىسپىدىن ئىستپا بېرىشى ئۈچۈن بارغانچە ئېشىۋاتقان بېسىم ۋە نارازىلىقلارغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.
باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قەتئىي ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان مالىكى، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنتى فۇئاد ماسۇم ئۈستىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىمىگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىراق دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلغان مالىكى مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە سادىر بولىۋاتقانلار ئاساسىي قانۇنغا تامامەن خىلاپتۇر، پىرېزىدېنت ئاساسىي قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلدى.»
نۇرى ئەل مالىكىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن باغدادتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەسسلەپ كۈچەيتىلدى. مالىكىغا قاراشلىق ئالاھىدە شىئە قىسىملىرى پايتەختنىڭ ھەر تەرىپىدە چارىلاش ئېلىپ بارماقتا. ئىراقتا 30-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىن بۇيان ھۆكۈمەت كىرزىسى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. باش مىنسىتىر نۇرى ئەل مالىكى سايلامدا بىرىنچى بولغانىدى. بىراق پارلامېنتتا كۆپ سانلىق بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا قىيىنچلىق كۆرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر