مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي پارتىيەسىمۇ تاقىۋېتىلدى

مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پارتىيەسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىغا ھۆكۈم قىلىندى

87306
مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسىي پارتىيەسىمۇ تاقىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىسى بولغان سوت مەھكىمىسى بۇلتۇر چەكلەنگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋارىيانتى بولغان ھۈررىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭمۇ تاقىۋېتىلىشىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئالىي ئىدارە مەھكىمىسى پارتىيەنىڭ تاقىۋېتىلىشى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىنى قارار قىلدى. قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققىنىڭ يوقلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ قارار ئارقىلىق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھاكىمىيەت، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسەتتە ئورۇن ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولدى.
ھۈررىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى مۇھەممەد مۇرسى 2012-يىلى ئىيۇندا 52% ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنىدى. مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ھۈررىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسى كابىنتى 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.
ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەشكىل قىلىنغان ھاكىمىيەت بۇلتۇر دېكابىردا ئېيىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېررور تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر