ئىراقتا پەشمەرگەلەر بىلەن ئى ش ئى د كەسكىن تىركەشمەكتە

ئىراقتا پەشمەرگەلەر بىلەن ئى ش ئى د ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

80304
ئىراقتا پەشمەرگەلەر بىلەن ئى ش ئى د كەسكىن تىركەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدا پەشمەرگە كۈچلىرى بىلەن سىنجار ناھىيەسىنى ۋە ئەتراپىدىكى بەزى ئولتۇراق رايونلارنى قولغا كىرگۈزگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى كەسكىن تىركەشمەكتە. ئىراق كۈرت رايونى رەھبىرى مەسۇد بارازنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ھازىرغىچە مۇداپىئەدە تۇرۇپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «تېررورچىلار بىزنى ئۇرۇشقا مەجبۇرلىدى» دېدى ۋە پەشمەرگە كۈچلىرىگە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئۇرۇش قىلىشقا يوليۇرۇق بەردى.
ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان پەشمەرگە كۈچلىرى شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن رابىئا ناھىيەسىنى ۋە ئەتراپىدىكى 2 ئولتۇراق رايونىنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزدى.
پەشمەرگە كۈچلىرى ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرىنىمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىدىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار يەزىدى نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان سىنجار ناھىيەسىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنى سۈرە-توقاي قىلىش ئۈچۈن رايوننى ئۈچ تەرەپنى قورشاۋغا ئالدى.
كۈرت قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ناھىيە مەركىزىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تەشكىلات مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئونلارچە پەشمەرگە ئەسكىرىنى ئەسىر ئالغانلىقلىرىنى، نۇرغۇن قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. بەزى پەشمەرگە قوماندانلىرى 72 سائەت ئىچىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنى سۈرە-توقاي قىلىپ، مۇسۇلمۇ قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
رايونلۇق كۈرت ھاكىمىيىتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قورال تەلەپ قىلماقتا. ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى ھاۋا ئارمىيەسىگە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان پەشمەرگە كۈچلىرىنى قوللاشقا يوليۇرۇق بەردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى كاتېرىن ئاشتونمۇ ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن رايونلۇق كۈرت ھاكىمىيىتىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى. بۇ ئارىلىقتا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ مۇسۇلنىڭ سىنجار ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى سەۋەبلىك مىڭلارچە ئادەم ئۆي-ماكانلىرى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈركمەنلەرمۇ بار.
مۇسۇل ئەتراپىدا كېيىنكى 2 كۈن ئىچىدە 15 مىڭ خىرىستىيان ئۆيلىرىنى تاشلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى سىنجار ناھىيەسىدە 35 بىلەن 50مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلگەن بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇنىڭدىن سىرت سۇلايمانىيە ۋە ئەربىلدىكى يەزىدىلەر سىنجار قولدىن كېتىشىدىن پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سىنجارنى يېتەرلىك دەرىجىدە قوغدىيالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، پەشمەرگە كۈچلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر