كابۇل ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تالىبان پارتلىغۇچى ماددا يۈكلەنگەن ئاوتوموبىل بىلەن كابۇل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى.

132770
كابۇل ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئايۇب سالانگى ئەتىگەندە بىر ئادەمبومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ پارتلىغۇچى ماددا يۈكلەنگەن بىر ئاپتوموبىلىنى ئايرودۇرۇم ھەربىي رايونىغا يېقىن بىر جايدىكى بىنانىڭ كىرىش قىسمىدا پارتلاتقانىقىنى بىلدۈردى.
پارتلاشتىن كېيىن، تۆت قوراللىق تالىبان ئەزاسىنىڭ ئايرودۇرۇمغا بېسىپ كىرىپ، ئەسكەرلەر ئېتىشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن سالانگى، ئېتىشىشنىڭ تەخمىنەن بەش سائەت داۋاملاشقانلىقىنى ۋە تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئېتىشىشتا پۇقرالاردىن ھېچكىمنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ھۇجۇمچىلار ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى، ئەمما ئەسكەرلەر بۇنىڭغا يول قويمىدى. ۋەقەدە ئايرودۇرۇم ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.
ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان تالىباننىڭ باياناتچىسى زابىيۇللاھ مۇجاھىد، ۋەقەدە نۇرغۇنلىغان ئافغانىستانلىق ۋە چەت ئەللىك ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايرودۇرۇمدىكى ھەربىي رايوننىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر