ئىراقتىن قاچقانلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشتى

ئىراقتا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشتى.

102491
ئىراقتىن قاچقانلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومېسسارلىقى باياناتچىسى ئادرىيان ئېدۋاردىس، ئىراقتا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان 500 مىڭ كىشىنىڭ ئەنبار رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار سەۋەبىدىن، يەنە 500 مىڭ كىشىنىڭ بولسا، ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مۇسۇلنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېدۋاردىس ئىراقتا ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چاققانلارنىڭ تەڭ يېرىمى دېگۈدەك كېچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى يەنە، پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەلقەلەم لاگىرىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى، بىخەتەرلىكى جەھەتتىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ لاگېرنىڭ ئەتراپىدا تۇقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر