ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

ئىراق ئارمىيەسى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ساماررا شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى

84775
ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملاشماقتا.
ئىراق ئارمىيەسى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ساماررا شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى.
بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدىن تارتىپ ھازىرغىچە دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئەنبار ۋىلايتىدىن ئىيوردانىيە - سۈرىيە چېگرا لىنىيەسىگىچە سوزۇلىدىغان رايوندا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراق ئارمىيەسى، بۇ قېتىممۇ يەنە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ھەربىي ھەرىكەتكە باغداد ۋە دىيالا قىسىملىرىنىڭ ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە ساماررا شەھىرىنىڭ كونتروللۇقى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، فەللۇجەدە ئۆيلەرگە تانكا ۋە توپ ئوقلىرىنىڭ تېگىشى نەتىجىسىدە 8 كىشى ئۆلدى، 9 كىشى يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر