سايلامدا بەششار ئەسەد غەلىبە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كەترىن ئەشتىن، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ سايلاملارغا قانۇنسىز، دەپ قارايدۇ» دېدى.

83349
سايلامدا بەششار ئەسەد غەلىبە قىلدى

سايلامدا بەششار ئەسەد غەلىبە قىلدى؛ سۇرىيەدە قانۇنىيلىق دەتالاشلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. پارلامېنت باشلىقى، غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، ئەسەدنىڭ ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %88.7 نى ئېلىپ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پارلامېنت باشلىقى سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %73.42 بولغانلىقى ئىلگىرى سۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى سايلامنى «قانۇنسىز» دەپ ئېلان قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كەترىن ئەشتىن، سايلاملارنىڭ سۇرىيەدىكى «قورقۇنچ» مەسىلىگە چارە تېپىش مەقسەتلىك سىياسىي تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ سايلاملارغا قانۇنسىز، دەپ قارايدۇ» دېدى.
سايلام قانۇنىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەشتىن، سۈرگۈن قىلىنغان ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ نامزات بولۇشى ۋە تۈرلۈك سايلام رىقابىتى ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە «ئۈچىنچى ئىيۇندىكى سايلامغا دېموكراتىك، دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دېدى.
150 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 6 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە 2 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ مۇساپىرغا ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەشتىن، سۇرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق سايلاملارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىككە كەلگەن ھەقىقىي سىياسىي مۇساپە دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر