چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.04.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

950843
چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 13.04.2018

 

 

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانغا سۇنغان تىنچلىق پىلانىنى تۈركىيەنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ ب ب سى تۈركچە ئىنتېرنېت بېتى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئافغانىستاندىن قانۇنلۇق يوللار بىلەن كەلگەنلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، بىراق قانۇنسىز يوللار بىلەن كەلگەنلەرنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىلارنى تۇغدۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رۇيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ شەنبە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمىتى قسىملىرى تەرىپىدىن دۇماغا قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «شەرقىي غۇتە ۋە دۇماغا قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇمغا جاۋاپكارلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا تۈر بېتى، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «تۈركىيە ئەسكەرلىرى بولغانلىكى يەردە تىنچلىق بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ رۇيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدە پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا تۈر بېتى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر شۇنداقلا ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ ب ب سى تۈركچە ئىنتېرنېت بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋاقتىنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەس، تۈركىيە بەلگىلەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك ئىنتېرنېت بېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونى بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپادا ياشايدىغان تۈركلەرگە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىدە ئاكتىپ رول ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئامېرىكا تۈر بېتى، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقارنىڭ «ئەگە دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىزدا ھېچ بىر شەكىلدە <بولغۇلۇق بولدى، تۇگىدى> دەيدىغان ئىشلارغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر