ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 50 - 2018

1107076
ئاللاھنى سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز قېرىنداشلار! بىر كۈنى مەلۇم بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت ئۈچۈن سەن نېمە ھازىرلىدىڭ؟» دېگەن سوئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. ئۇ كىشى: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۈسىنى ھازىرلىدىم» دەپ جاۋاپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سەن سۆيگەنلىرىڭ بىلەن بىرگە بولىسەن» دېدى.[1]

ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزلىرى ئارقىلىق مۆئمىنلەرگە خۇشخەۋەر بەرمەكتە ئىدى. قەلبلىرىنى ھەقىقىي سۆيگۈ بىلەن، يەنى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان چىن سۆيگۈ بىلەن تولدۇرغان ھەمدە شۇ سۆيگۈ بىلەن ياشىغان مۆئمىنلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىدىغانلىقىدىن خۇش خەۋەر بەرمەكتە ئىدى. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەر دائىم ئەڭ گۈزەل دۇئالىرىنى بىزلەرگە ئۆرنەك قىلىپ قالدۇرغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ئاللاھقا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدى:

«ئى ئاللاھىم! سەندىن سېنى سۆيۈشنى، سېنى سۆيگەن كىشىنى سۆيۈشنى، سېنىڭ سۆيگۈڭگە ئېرىشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى نېسىپ قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھىم! ئۆز سۆيگۈڭنى ماڭا، ئۆزەمدىنمۇ ۋە ئائىلەمدىنمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ بەرگىن!»[2]

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مانا بۇ دۇئاسى ئارقىلىقمۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا سۆيگۈ -مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزنى تەلىم بەرمەكتە.

ئەزىز قېرىنداشلار! سۆيگۈ - مۇھەببەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بارچە مەخلۇقاتلارغا ئاتا قىلغان ئىلاھىي مەرھىمىتى ۋە كاتتا نېئمەتىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىگە سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر. ئۇ «ۋەدۇد» دېگەن سۈپەتنىڭ ئىگىسى بولۇپ، سۆيگۈچى ۋە سۆيۈلگۈچىدۇر. ئەنە شۇ سۆيگۇ - مۇھەببىتى سايىسىدا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى رىزىقلاندۈرغۇچىدۇر. ئاللاھ بۇ چەكسىز سۆيگۈ - مۇھەببىتى بىلەن بىز بەندىلىرىگە ياردەم قىلىدۇ ۋە خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىدۇ.

ئالەملەرنىڭ رەببى «مەغپىرىتى كەڭ، سۆيگۈسى چوڭقۇر زاتتۇر»[3] چەكسىز كۆيۈم - شەپقەتنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇ بەندىسىنى سۆيگىنىدە، بەندىنىڭ تىلگىنىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ رەھمىتىگە سىغىنغانلارنى قوغدايدۇ. مەغپىرەت تىلىگەنلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ. بەندىنىڭ تىلەشنى بىلىشىلا كۇپايە قىلىدۇ. رەببىگە لايىقىدا مۇراجىئەت قىلسىلا ۋە يۈزىنى رەببىگە ئۇدۇللاپ، قەلبىنى رەببىگە ئاچسىلا بولدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! مۆئمىننىڭ يۈرىكى ھەر دائىم ئاللاھ سۈيگۈسى بىلەن سوقىدۇ. بۇ سۆيگۈ قانداقتۇر پەقەتلا قەلبتە ھېس قىلىنىدىغان بىر تۇيغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتۈن پوزىتسە ۋە مۇئامىلە - مۇناسىۋەتلىرىدە، پىكىر، سۆز ۋە ئىپادىلىرىدە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.  قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى بىلەن تولغان ھەرقانداق مۆئمىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە چۆمۈلگەن بولىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىدىن خاتىرەجەم، قورقمايدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ تىلى ناچار، ئەخلاقسىز سۆزلەرگە قۇلۇپلانغان ۋە خەيرىلىك سۆزلەرگە ئېچىلغان بولىدۇ. بۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھەرقانداق مۆئمىن قۇرئان كەرىمدىكى «ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بارغۇ؟! رەھىم شەپقەتلىك ئاللاھ ئەنە شۇلارنى (قەلبلەرگە) سۆيدۈرىدۇ»[4] دېگەن ئايەتنىڭ خوشخەۋىرىگە مەزھەر بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنداق مۆئمىننى ئالدى بىلەن ئۆزى سۆيىدۇ، ئاندىن يارىتىلمىشلارغا سۆيدۈرىدۇ، رەھىم - شەپقەتلىك ئاللاھ بۇنداق كىشىلەرنى ھەقىقي سۆيگۈگە سازاۋەر قىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانلار سۆيگۈسىزلىك گىردابىغا پىتىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. جانلىق ۋە جانسىز پۈتۈن يارىتىلمىشلارغا نىسبەتەن سۆيگۈ - مۇھەببەت تاپقىلى بولمايدىغان بوپ قالدى. ئاللاھ قەلبىمىزگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە پەيغەمبىرىمىز بىزگە تەلىم بەرگەن سۆيگۈ - مۇھەببەت، كۆپۈنچەيلەن تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتتى. سۆيگۈدىن نەسىۋىسىنى ئالالمىغان قەلبلەر تاشتەك قاتماللىشىپ، شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە نى - نى ئېسىل ئىنسانلار خوشاللىقنى ماددىدىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلاھىي ئىنئام بولۇپ ھېسابلىنىدىغان سۆيگۈ يالغانغا، مەنپەئەتكە، ۋە ئىچى قۇرۇق ئەھمىيەتسىز گەپلەرگە قۇربان قىلىنىدىغان ھالغا كەلدى. قەلبلىرىدە سۆيگۈ ۋە مېھرى - شەپقەت ئورۇن ئالمىغان كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق، ياردەمسۆيەرلىك، پىداكارلىق ۋە رەھىمدىللىق تۇيغۇلىرى يوقالدى. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ سۆيگۈسىدىن، كۆيۈم - شەپقەت ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلاردىن مەھرۇم ھالدا يىتىشكەنلەرنىڭ ئىبرەتلىك ئاقىۋەتلىرىنى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرمەكتىمىز. بۇنداق كىشىلەر ئۆز - ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە، ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزمەكتە. ئىسلامنىڭ رەھىم - شەپقەت بىلەن تولغان تەلىماتلىرىنى ئـۆزىگە سىڭدۈرمىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان زورۋانلىق، تېررورلۇق، ۋەھشىلىك ۋە قەتلىئام قىلمىشلىرى پۈتۈنن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.

ئەزىز قېرىنداشلار!

بۇ ناچار ئەھۋاللارنىڭ بىردىن بىر رېتسىپى، ئىسلامنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببەت، كۆيۈم - شەپقەت، ئادالەت ۋە مېھرىبانلىققا تولغان تەلىماتلىرىغا مەھكەم ئېسىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلۇغ دىنىمىز ئىنسانىيەتكە سۇنماقچى بولغان ئۈلگىلىك ئۈممەتكە ئايلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىچانلىق كۆرسىتەلىشىمىز شۇنداقلا «يارتىلمىشلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش» دەستۇرىنى ئۆزلەشتۈرەلىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. دېمىسىمۇ ئىمان ئېيتقۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ سۆيگۈمىزنىڭ مەنبەسى ئىلاھى سۆيگىدۇر، بۇنىڭ نامايەندىسى بولسا، بىر - بىرىمىزنى مەنپەئەت كۈتمەستىن، رىياسىز ۋە ھېسابسىز بىر شەكىلدە ياخشى كۆرەلىشىمىز بولۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تەلەپ قىلغانلىرىمىزنى قېرىندىشمىز ئۈچۈنمۇ تەلەپ قىلالايدىغان بولىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. پىتنە - پاسات، مالىمانتچىلىققا تولغان مۇھىتلارنى پەيدا قىلىدىغان، قېرىنداشلىقىمىزنى، بىرلىك ۋە بارەۋرلىكىمىزنى، ئۇلپەت، ۋە مۇھەببەتلىرىمىزنى يوقىلىشقا ئۇرۇنغانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرەمەسلىكتىن ئىبرەتتۇر.

بىزلەر ھەقىقىي سۆيگۈ بىلەن رەببىمىزنى ۋە بىر - بىرىمىزنى سۆيىدىغانلا بولساق، ھازىرقى دەۋردىكىگە ئوخشاش چىن سۆيگۈدىن مەھرۇم، دۇنيالىق ھاياتى مەنىسىز، سەمىمىيەتتىن ئۇزاق، ساختا سۆيگۈ -مۇھەببەتلەرگە گىرىپتار بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىمىز. مېھرى - شەپقەت ئىقلىمىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئېقىتقان قانلىرى، مەيدانغا چىقىرۋاتقان ۋەھشىلىكلىرى دەل ئەنە شۇ چاغدا توختىغان بولىدۇ. بۇزۇلغان ئاڭ ۋە قاتماللاشقان قەلبلەر سەۋەپ بولۇۋاتقان ئۇرۇشلارمۇ ئەنە شۇ چاغدىلا ھەقىقەتەن ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئۆچمەنلىكلەرنىڭ ئورنىنى دوسلۇقلار، نەپرەتنىڭ ئورنىنى مېھرى - شەپقەت ئىگىلەشكە باشلايدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، ئاللاھنى سۆيگۈچىلەر ۋە ئاللاھ ئۈچۈن بىر - بىرىنى سۆيگۈچىلەر ھەرگىز ئەندىشە ۋە قورقۇنچقا مۇبتىلا بولمايدۇ.  بۇنداق كىشىلەر دۇنيا ھاياتىنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى خوشخەۋىرىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلىنىدۇ: 

«پەقەت مېنىڭ ئۈچۈنلا بىر بىرىنى سۆيگەن، مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈنلا بىر يەرگە جەم بولغان، مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش مەقسىتىدە بىر - بىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە پەقەت مېنىڭ رىزالىقىم ئۈچۈنلا سادىقە بېرىپ، ياخشىلىق قىلغۇچىلار مېنىڭ سۆيگۈمگە ھەقلىق بولىدۇ»[5]

ئاللاھ ھەممىمىنىڭ قەلبلىرىنى ئۆزئارا كۆيۈم - شەپقەت ۋە مېھرى -مۇھەببەت بىلەن تولدۇرغاي، ئامىن!!!

 

[1] مۇسلىم، سىلە - رەھىم بابى

[2]  تىرمىزى، دەۋەت بابى 72 -ھەدىس

[3]  سۈرە بۇرۇج 14 - ئايەت

[4]  سۈرە مەريەنم 96 - ئايەت

[5]  مۇۋەتتا يامانلىق بابى 16 -ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر