مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئىلاھىي خېمىرتۇرۇچى كۆيۈم - شەپقەتتۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 51 - 2018

1111349
مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئىلاھىي خېمىرتۇرۇچى كۆيۈم - شەپقەتتۇر

 

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى ھەزرەتى زەينەپ رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ بالىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى. زەينەپ رەزىيەللاھا ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۆغلۈم ئۆلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىزنىڭ يېنىمىزغا بىر كېلىپ كەتسىڭىز» دەپ خەۋەر يوللىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر گۇرۇپپا ساھابىلەر بىلەن بىرگە قىزىنىڭ ئۆيىگە باردى. نەۋرىسىنى قوچىقىغا ئېلىپ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاشقا باشلىدى. ساھابىلەردىن بىرسى: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ كۆز يېشى نېمە؟» دەپ سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېغىزىدىن مۇنۇ قەلب سۆزلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

«بۇ كۆز يېشى؛ ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىگە سالىدىغان بىر رەھمەتتۇر.  ئاللاھ بەندىلىرى ئارىسىدا پەقەت كۆيۈم شەقەتلىك بولغانلارغىلا رەھمىتىنى ئاتا قىلىدۇ» (بۇخارى، مەردا، 9ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! كۆيۈم - شەپقەت قەلبنىڭ سەزگۈرلىكى ۋە يۇمشاقلىقىدۇر.  يارىتىلمىش پۈتۈن جانلىقلارغا كۆيۈم شەپقەتلىك بولۇش، پەرزەنت سۆيۈگۈسى، ئاتا ئانىغا ھۆرمەت، مۇيسىپىتلار، يوقسۇللار، كېسەللەر، يېتىملەر ۋە ئىگە چاقىسىزلارغا ياردەم قىلىش، ھەتتا ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغىمۇ مېھرىبان بولۇش قاتارلىق ئېسىل خىسلەرنىڭ ھەممىسى كۆيۈم شەپقەت تۇيغۇسىنىڭ يانسىماسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ «رەھمان» دېگەن ئىسمىنىڭ مەزھىرى ھېسابلىنىدىغان كۆيۈم شەپقەت، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئىلاھىي خېمىرتۇرۇچىدۇر. ماددى ۋە مەنىۋىي كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسىدۇر. يۈرەكلەرنى قاپلاپ كەتكەن ھەر تۈرلۈك سىقىلىشلارنىڭ چارىسىمۇ دەل كۆيۈم شەپقەتتە ساقلانغاندۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرىدىكى جەمئىيەتكە كۆيۈم شەپقەتنى تونۇتقان، ئۇنى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھالىرىدە تەتبىقلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرگەن ئەڭ ئېسىل ئۈلگىمىزدۇر. ئۇ مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر (سۈرە تەۋبە 128ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە دائىم يۇمۇشاق مۇئامىلە قىلغان. (سۈرە ئالى ئىمران 159ئايەت) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان، ھېچ كىشىنى رەنجىتمىگەن، جازالىغان چاغدىمۇ ئىنساپ ۋە ئادالەتنى چىڭ تۇتقان، قەتئىي زۇلۇم قىلىپ باقمىغان ئىدى. مۆئمىنلەرنىڭمۇ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، مېھرى مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت كۆيۈم شەپقەتكە، ۋىجدان ۋە ھەققانىيەتكە ھەر قانداق دەۋردىكىدىن تېخىمۇ بەك مۇھتاج ھالدا كەلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سان ساناقسىز بىگۇناھ ئىنسانلار رەھىمسىزلىكنىڭ ئاياق ئاستىدا ئېزىلمەكتە. زورۋانلىققا دۇچار بولماقتا. بۇ ۋىجدانسىزلىق ۋە ئىنستاپسىزلىقتىن پەقەت ئىنسانلارلا ئەمەس، باشقا بارلىق جانلىقلارمۇ نېسىۋىسىنى ئالغانغا ئوخشاش كەلگۈسىمىزگىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماقتا. ۋەھالەنكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارلىق مەخلۇقاتلارلاغا شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلىم بېرىپ: «شەپقەت قىلغان كىشىگە مېھرىبان ئاللاھمۇ شەپقەت قىلىدۇ. سىلەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا سەپقەتلىك بولۇڭلاركى، كۆكتىكىلەرمۇ سىلەرگە شەپقەتلىك بولسۇن» دېگەن ئىدى. (ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب، 58ھەدىس)

مۆھتىرەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار! كۆيۈم شەپقەت؛ ئاتا ئانىمىزنى يالغۇزلۇققا تاشلاپ قويماسلىق، ئۇلارغا مېھرى - مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىش، ئاياللىرىمىزغا نىسبەتەن كەڭ قورساق، كۈلگۈن چاراي بولۇش، كۆڭلىنى ئالىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، پەرزەنتلىرىمىزگە نىسبەتەن ئەپۇچان، مۆتىدىل ۋە ئادىل بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

كۆيۈم شەپقەت؛ بىر يېتىم ياكى ئىگە - چاقىسىزنىڭ بېشىنى سىيلاش، يولدا قالغانلارغا ۋە يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، ئاچ ۋە ئۆيسىز كىشىلەرگە ئىگە چىقىپ، ئۇلار بىلەن لوقمىمىزنى ھەمبىرھىرلىشىشتۇر.

كۆيۈم شەپقەت؛ كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزماسلىق، قىيامەتنىڭ قوپىشى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، يەنە زېمىنغا كۆچەت تېكىشنى تاشلىماسلىق، ھازرىقىدەك قىش كۈنلىرىدە ئاچ، سۇسىز قالغان ھايۋانلارغا بىر قاپ يېمەك ۋە سۇ بولسىمۇ قويۇپ بېرىش، قىسقىسى، دۇنيانى پۈتۈن جانلىقلار ئۈچۈن خاتىرىجەم ماكانغا ئايلاندۇرۇشتۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ ياراتقان ھەر بىر مەۋجۇتلۇقنى ئۇنىڭ ئامانىتى، كائىنات ئائىلىسىنىڭ قىممەتلىك ئەزاسى قاتارىدا كۆرىشىمىز لازىم. تاش يۈرەكلىكىمىز ۋە رەھىمسىزلىكىمىزنى كۆيۈم شەپكەتكە ئايلاندۇرىشىمىز، دەۋرنىڭ ۋىجدانىغا كۆيۈم - شەپقەتنى قايتىدىن سىڭدۇرىشىمىز لازىم.

خۇتبىمىزنى مۇنۇ ئايەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟ (داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر. (سرە بەلەد، 12 – 17 – ئايەتلىرى)

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزئارا ھەقىقىي كۆيۈم – ھەپقەتلىك، مېھرىبان مۆئمىنلەردىن قىلسۇن ئامىن!!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر