ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى

تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسى

783869
ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى

جۈمە خۇتبىسى

Adsız

بۈگۈن «رەھمان بولغان ئاللاھقا قۇل بولۇش»تېمىسىدا خۇتبە بولىدۇ.

ئېزىز قېرىنداشلىرىم! بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، مۆمىن كىشىنىڭ ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇسلۇبتا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مۆمىن ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ، ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش گۈزەل، پاكىز ۋە ھالال نەرسىلەرنى يەيدۇ، داۋاملىق ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ، ياخشىلىقنىڭ كەينىدىلا يۈرىدۇ، بىر نەرسىلەرنى بۇزۇپ چاچمايدۇ، ئىسراپ قىلمايدۇ.»

ئېزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە مۆمىن بەندىلىرىنى ماختايدۇ، مۆمىنلەرنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان، ئاڭلاپ باقمىغان، تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئەبەدى نىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلاش بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە رەھمان سۈپىتى بولغان ئاللاھنىڭ ئەڭ چوڭ خۇش خەۋىرىگە نائىل بولغان خاس بەندىلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بىرلىكتە قۇلاق سالايلى:

«Adsız »

ئېزىز  قېرىنداشلىرىم! ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى زېمىندا كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ، قەتئىي مەغرۇرلانمايدۇ، كىبىرلەنمەيدۇ، چوڭچىلىق قىلمايدۇ. ھەققىي ئۈستۈنلۈككە بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ۋە زېممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندا ئېرىشكىلى  بولىدۇ. كىبىرلىك، مەغرۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق كىشىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە رىزاسىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

« Adsız»

ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى  دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىرىگە پايدىسى يوق بىھۇدە گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرىدۇ، ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارغا «سالام»قىلىپلا قويىدۇ، خالاس. دەرۋەقە، ھەددىدىن ئېشىش، تەمەننا قىلىش مۆمىن كىشى قىلىدىغان ئىش ئەمەس. مۆمىنگە ھۆرمەت، كەمتەرلىك، مۆتىدىللىق، پاراسەتلىك ۋە ئاڭلىقلىق يارىشىدۇ. مۆمىننىڭ بۇ جەھەتتىكى ھايات ئۆلچىمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: «مۆمىن باشقىلارغا قارا چاپلىمايدۇ، لەنەت ئوقىمايدۇ، قوپال مۇئامىلە قىلمايدۇ، ھاياسىز ئىشلارنى قىلمايدۇ.»

قىممەتلىك قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئاللاھقا چىن قەلبىدىن تەسلىم بولغان كىشىلەردۇر. بۇ تەسلىمىيەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرى كېچىنىڭ جىمجىت مىنۇتلىرىدا ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن قىلغان سەجدە،سەممىي دۇئا ۋە قىلغان ئىستىغپارلادۇر. ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى گۇناھ قىلىپ سالسا چىن قەلبىدىن پۇشايمان قىلغان ھالدا «Adsız ، ئى رەببىمىز!بىزنى دوزاخ ئازابىنى يىراقلاشتۇرغىن!»دەپ دۇئا قىلىپ ئاللاھقا يېلىنىدۇ.

ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى نە بېخىل ئەمەس، نە ئىسراپخور ئەمەس. ئۇلار ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۆتىدىل يولنى تۇتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا نېمەت سۈپىتىدە ئاتا قىلغان ساغلىقنى، ۋاقىتنى، مال-دۇنيانى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئۇلار ھەر نېمەتنىڭ چوقۇم ھېسابى بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىدۇ، ئۇلار زۆرۈر تېپىلسا ئاللاھ يولدا ھەر قانداق پىداركارلىق قىلىشتىن يانمايدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى  ھەر دائىم ئەلىفكە ئوخشاش توپ-توغرا كىشىلەردۇر، سىراتى مۇستەقىمدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدۇ، ئاللاھتىن باشقىسىغا قەتئىي بويۇن ئەگمەيدۇ، قۇللۇقنى ئاللاھقىلا قىلىدۇ، زىھىنى ۋە كۆڭلىنى بىرمۇ پانىغا مايىل قىلمايدۇ. ئىپپەت ۋە ئىززەت-ئابرويىغا داغ چۈشۈرىدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ.

«Adsız »

ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى گۇناھلار ئىچىدە ئەڭ ئېغىرلىرىدىن بولغان يالغان شاھىتلىك قىلىشتىن يىراق تۇرىدۇ، زىھنىنى ۋە كاللىسىنى چاچمايدۇ، بىھۇدە ۋە مەنىسىز نەرسىلەر بىلەن بۇلغىمايدۇ، تىلىنى يالغان ۋە تۆھمەت بىلەن زەھەرلىك ئوق ھالىتىگە كەلتۈرمەيدۇ، ئاساسسىز سۆز، بولۇمسىز قىلىقلاردىن خالىي تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلارنىڭ رەزىللىك ۋە پېتنە-پاساتنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا پالاكەتنىڭ ۋە ئامانسىزلىقنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. مۆمىن ھەر قانداق شارائىتتا ھەققىنى قوغدايدۇ، ھەر دائىم توغرىنى ياقلايدۇ، ھەقىقەتنىڭ تەرجىمانى بولىدۇ.

« Adsız»

ئاللاھنىڭ خاس بەندىلىرى، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ). ئۇلار ھايات كىتابىمىز قۇرئانى كەرىمنى چۈشىنىشكە ۋە قۇرئاننىڭ روھىي بويىچە ياشاشقا تىرىشىدۇ، ئۇلار كائىناتنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئايىتى بولغان ئىنسان ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ، ھايات بىلەن ۋەقە-ھادىسىلەرگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ.

ئېزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار سەۋىر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي ماقاملىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قىزغىن كۈتۈلىدۇ ۋە ئەبەدىي ياشايدۇ، جەننەت ئەڭ گۈزەل بېكەت ۋە قونالغۇدۇر.

ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى بولۇش نېمە دېگەن بەخىتلىك ئىش ھە! يارىتىلىش غايەسى ۋە ھىكىمىتىگە مۇۋاپىق ھالدا ياشاپ ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشكەنلەر نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە! پانىي دۇنيانى باقىي ۋە ئەبەدىي مۇكاپاتقا ئايلاندۇرۇلغانلار نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە!

 

 


خەتكۈچ: #ئاللاھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر