رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

يېقىندىن بۇيانقى رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى.

1349955
رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2020 – يىلى 25 – يانۋار كۈنى رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتىگە مەسئۇل ياردەمچىسى ۋلادىسلاۋ سۇركوۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، سۇركوۋ 1999 – يىلدىن بۇيان پۇتىننىڭ يېنىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بىر سىياسىيوندۇر، شۇنداقلا، كىرېمىل سارىيىنىڭ نەزەرىيەچىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتىنىڭ قىسمەن ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2019 – يىلى رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىدە يۇمشاش كۆرۈلدى. تەرەپلەر ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. سېنتەبىر ئېيىدا ھەر ئىككى تەرەپ 35 تىن ئەسىر ئالماشتۇردى.2019 – يىلى 9 – دېكابىر كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن «نورماندىيە ئەندىزىسى» گە ئەزا 4 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا يۈزتۇرانە كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ئۇكرائىنا تەرەپدارلىرىدىن 76، رۇسىيە تەرەپدارلىرىدىن 124 بولۇپ، جەمئىي 200 ئەسىرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، رايوندا ئۇرۇش توختىتىلىشى، كېيىنكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 4 ئاي كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

گازپروم ئۇكرائىنانىڭ نافتوگاز شىركىتىگە 2.9 مىليارد دوللارلىق تۆلەم تۆلىدى ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا 2020 – يىلى 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىغان 5 يىللىق يېڭى تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى.

2020 – يىلى 23 – يانۋار كۈنى ئۇكرائىنا پارلامېنتى پارلامېنت ئەزاسى ۋىكتور مېدۋوۋچۇك «نورماندىيە ئەندىزىسى» مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە گېرمانىيە  پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن، ئارقىدىن رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەندىزە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

كىيېۋمۇ، موسكۋامۇ، پات - پات ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئالاقىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. 2020 – يىلى 24 – يانۋار كۈنى دمىترى پېسكوۋ بۇنى جەزملەشتۈردى. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى  25 – يانۋار كۈنى ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر 2020 – يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. كىرېمىل سارىيىنىڭ ئۇكرائىنا سىياسىتى مەسئۇلى ۋلادىسلاۋ سۇركوۋ، دونباس  - ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنى خىتاي – خوڭكوڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئوخشايدىغان ئالاھىدە سالاھىيەت ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈنمۇ ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى زۆرۈردۇر. ئۇكرائىنا خەلقى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشى ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا مۇمكىن ئەمەستۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 15 – يانۋار كۈنى فېدېراتسىيە مەجلىسىدە «دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان خەلقئارالىق تەشكىلات قارارلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق» قا ئالاقىدار قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇكرائىنا كىرىزىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.

ئەگەر رۇسىيەدە بۇ ھەقتە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلسە، رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئىمزالىغان بارلىق كېلىشىملەرنى، خەلقئارا بۇداپېشت بىخەتەرلىك كاپالىتى ھۆججىتىنى ئېتىراپ قىلماستىن، قىرىم ۋە دونباسنى ئۆز تېرروتېرىيەسىگە قوشۇۋېلىشى مۇمكىن. رۇسىيە 2018 – يىلى 270 مىڭ، 2019 – يىلى 300 مىڭ ئۇكرائىنا پۇقراسىغا رۇسىيە پۇقرالىقى بەردى.

ئۇكرائىنا كىرىزىسىدە ئالغا ئىلگىرىلەش تۈركىيەگە پايدىلىقتۇر. تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا  بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ناھايىتى ياخشىدۇر. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا تىنچلىق ئورنىتىلماي تۇرۇپ قارادېڭىزدا بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيەنىڭ ۋە رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىمۇ رايوندا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىغا باغلىقتۇر. قىرىم تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان تۈركىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، دونباستىكى توقۇنۇش،  ئۇكرائىنا – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە داۋاملىق يارا ئىزى سۈپىتىدە قالىدۇ. لېكىن ئىككى قېرىنداش ۋە قوشنا دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىشى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆزئارا ھەل قىلىشقا تىرىشىشى بۇ ھەقتە تاشلانغان توغرا قەدەم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە بۇ ھەقتە ھەم كىيېۋنىڭ ھەم موسكۋانىڭ مۇرەسسەلىشىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر