تۈركىيە غەززەگە 9 جامە ياساپ بەردى

كۆلىمى بىر - بىرىدىن پەرقلىق سېلىنغان بۇ 9 جامەدە جەمئىي 40 مىڭ 800 كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ.

611185
تۈركىيە غەززەگە 9 جامە ياساپ بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن غەززەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 9 جامەنى قايتىدىن ياساپ بەردى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ۋەقپىسى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق ئېمبارگوسى ئاستىدىكى غەززە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، رايونغا قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەشتە دۈچ كەلگەن بارلىق قېيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، جامەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە پۈتتۈرۇپ چىقتى.

كۆلىمى بىر - بىرىدىن پەرقلىق سېلىنغانبۇ 9 جامەدە جەمئىي 40 مىڭ 800 كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ. جامەلەر كېلەر ئاي خىزمەتكە سۇنىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر