تۈركىيە فىرانسىيەنىڭ ئاسسۇرلار ۋە كەلدانىيلار ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاسسۇرلار ۋە كەلدانىيلار توغرىسىدىكى قارارىدا ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت قانۇنىي ۋە تارىخى ئاساسلاردىن مەھرۇم ئەيىبلەشلەرگە ئورۇن بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2133708
تۈركىيە فىرانسىيەنىڭ ئاسسۇرلار ۋە كەلدانىيلار ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «فىرانسىيە پارلامېنتى 2024-يىلى 29-ئاپرېل ماقۇللىغان ئاسسۇرلار ۋە كەلدانىيلار ھەققىدىكى قارار ئىناۋەتسىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلى فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارارنى قوللىمىغانلىقى ئەسلتىىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا: «ئوخشاش ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنىڭ بۇ قېتىم ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ۋەكىللىرى تەرىپىدىن دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈشى،  سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ تارىخى ۋەقەلەرنى بۇرمىلاش تىرىشچانلىقىنىڭ مىسالىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا پارلامېنتلارنىڭ تارىخنى ئىزاھلاش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ: «بۇ قارار ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىغا <ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى>نى مەزمۇن قىلغان 1948-يىلىدىكى ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسىغىمۇ زىتتۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر