سۈرىيە ۋە ئىراقتا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2140764
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:
«تېررورچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر جاي بىخەتەر ئەمەس. قەھرىمان قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچىنى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنجە – قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بولسا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»