تۈركىيەدىكى ياش نوپۇس سانى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %15.1 نى ياش نوپۇس تەشكىل قىلىدۇ.

2140935
تۈركىيەدىكى ياش نوپۇس سانى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى  2023-يىلىدىكى ياش نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى؛ ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 85 مىليون 372 مىڭ 377 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 15-24 ياش ئارىلىقىدىكىلەرنىڭ سانى 12 مىليون 872 مىڭ 39 ئىكەن.

باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيەدىكى ياش نوپۇس ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %15.1 نى تەشكىل قىلغان.

ياش نوپۇسنىڭ %51.3ى ئوغۇللار، %48.7 ى قىزلار ئىكەن.

تۈركىيەدىكى ياش نوپۇس نىسبىتى %15.1 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ياش نوپۇس نىسبىتىدىن يۇقىرى ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ 2023-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە ياش نوپۇس نىسبىتى %10.6 ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر