تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى باشلىدى

فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16:49 (تۈركىيە ۋاقتى 00:49) دە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، Ax-3 ئالەم كېمىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەزاسى گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم ساياھىتى باشلىدى.

2090981
تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: SpaceX شىركىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىمۇ ئولتۇرغان ئالەم كېمىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16:49 (تۈركىيە ۋاقتى 00:49) دە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بىلەن،  Ax-3 ئالەم كېمىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەزاسى گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم ساياھىتى باشلىدى.

تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجىمۇ ئولتۇرغان ئالەم كېمىسىنىڭ ئامېرىكا ۋاقتى شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 05.15 ئەتراپىدا (تۈركىيە ۋاقتى 13.15 تە) خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ تەخمىنەن 36 سائەت يول يۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

SpaceX  شىركىتى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ  يولغا چىققان <ئەجدىھا> ناملىق كاپسۇلىدىكى Ax-3 تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى ھېسسىياتى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقاتتى.

گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى سۆزى: «تۇنجى تۈركنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئالەم تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم قويۇۋاتقان مۇشۇ لەھزىسىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ ئاتىمىز مۇستاپا كامال ئاتۈركنىڭ <كېلەچەك ئاسمانلاردا>  دېگەن داھىيانە سۆزى باشلاشنى خالايمەن» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى بىلەن «تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن گەزەرئاۋجى، 14 كۈن بويىچە خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا يەرنىڭ مىكرو تارتىش كۈچى، ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسان سالامەتلىكى، تۇز كۆلى ئۆسۈملۈكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تەتقىق قىلىنىشى ۋە نۆل تارتىش كۈچى مۇھىتىدا قاتتىق ۋە سۇيۇقلۇق ئارىلاشمىلىرىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق 13 ئوخشىمىغان تۈردە ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈركۈت 9 راكېتاسى Ax-3 تەتقىقات ئەترىتىنى ئېلىپ ماڭغان ئەجدىھا كاپسۇلىنى بەلگىلەنگەن ئېگىزلىككە كۆتۈرگەندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كاپسۇلدىن ئايرىلىپ، كېننىدى ئالەم مەركىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان Cape Canaveral بازىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.

بۈركۈت 9 راكېتاسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتكەن مېرلىن ئالەم موتورى كاپسۇلنى خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە يەتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر