گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: SpaceX شىركىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىمۇ ئولتۇرغان ئالەم كېمىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16:49 (تۈركىيە ۋاقتى 00:49) دە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بىلەن،  Ax-3 ئالەم كېمىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەزاسى گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم ساياھىتى باشلىدى.