ئەردوغان  ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 18 – دېكابىر كۈنى ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2077344
ئەردوغان  ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى،  ئىككى دۆلەت  ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىمزالانغان دوستلۇق كېلىشىمىنىڭ 100 - يىللىقىغا توغرا كېلىدۇ.

زىيارەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوئان ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى كاتالىن نوۋاك ۋە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدىن تارتىپ  غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قەدەر مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرى، تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ دائىرىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدىكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى تۈركىيە – ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرىدىكەن ۋە يېڭى كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر