فىدان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن ئەزەربەيجاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
2076396
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز 2023 – يىلى 14 – دېكابىر ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ» دېدى.