چاۋۇشئوغلۇ ئەنئەنىۋى «يىل ئاخىرى خۇلاسە يىغىنى»دا سۆز قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى چېگراسىنى بىر ئىنگلىز مىلىمۇ كېڭەيتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1925254
چاۋۇشئوغلۇ ئەنئەنىۋى «يىل ئاخىرى خۇلاسە يىغىنى»دا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى يىل ئاخىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ يىلنىڭ بېشىدىلا گىرېتسىيە بىلەن دىيالوگ يوللىرىنى ئېچىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، 64 – قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىنىڭ فېۋرالدا (2022) ئېچىلغانلىقىنى، ئەمما گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، ئەگە دېڭىزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋالىرى ۋە غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قىلىنغان بېسىملار سەۋەبىدىن سۆھبەتلەرنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى گىرېتسىيەنىڭ گىرىتنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى 12 مىلغا چىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «بىز (گىرېتسىيەنىڭ) 12 مىل ئەمەس، ئەگە دېڭىزىدىكى (چېگراسىنى) بىر مىل كېڭەيتىشىگىمۇ يول قويمايمىز. پارلامېنتىمىزنىڭ  بۇ ھەقتە چىقارغان 1995 – يىلىدىكى قارارى ئېنىق بولۇپ، ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. بىز گىرېتسىيەنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمىز: ئارقاڭلاردا تۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋاتقان كۈچلەرگە ئىشىنىپ يالغان قەھرىمانلىقنىڭ كويىغا چۈشمەڭلار. تەۋەككۇلچىلىك قىلماڭلار، ئۇنداق قىلىشنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېدى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىغان چاۋۇشئوغلۇ، ب د ت، ئامېرىكا، رۇسىيە ، ئىراق ۋە (سۈرىيەدىكى) ھاكىمىيەت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن موسكۋادا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۆزىنىڭمۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇ رايوندىكى يەزىدىلەر، ئاسسۇرلار، كوردلار ۋە تۈركمەنلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. ھەممە <بىزنى پ ك ك دىن قۇتۇلدۇرۇڭلار> دەۋاتىدۇ» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئاپاق – چاپاق بولۇشنىڭ بەدىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ئەزەلدىن: ئوت بىلەن ئويناشقان كىشى بىر كۈنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالىدۇ، دەپ كەلدۇق. ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن تېگىشىلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ سەمىمىي ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر