دىيارباكىردا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

دىيارباكىردا قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرىنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىل يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، سەككىز ساقچى خادىمى يارىلاندى.

1919579
دىيارباكىردا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيارباكىر ماردىن تاشيولى يېشىل ۋادە مەھەللىسىدە قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقاندا پارتلاش يۈز بەردى.

ۋەقە مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا نۇرغۇن سەھىيە خادىملىرى ۋە ساقچى خادىملىرى ئەۋەتىلدى. پارتلاشتا يارىلانغان سەككىز ساقچى خادىمى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يارىلانغان ساقچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر