ئاقار ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلار ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

1915164
ئاقار ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
akar-zakir hasanov.jpg
akar-aliyev1.jpg
akar-aliyev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇلدا، ئاقار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك ۋە دانىشمەن رەھبىرى ھەيدەر ئەلىيېۋ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ئېڭىغا ئاساسەن بارغانسېرى تەرەققىي قىلغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە 30 يىللىق ئاشغالىيەتكە ئۇدا 44 كۈن داۋاملاشقان «ۋتەن ئۇرۇشى» ئارقىلىق خاتىمە بەرگەن ئەزەربەيجاننىڭ «زەپەر كۈنى» نى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇدا 44 كۈن داۋاملاشقان <ۋەتەن ئۇرۇشى> ئارقىلىق ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلدى. بۇ ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ، مىسلىسىز زەپەرلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان كۈچكە، ئىمكانىيەتكە ۋە قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى.»

ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقىقىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ھەربىي تەلىم - تەربىيە ھەمكارلىقى، مەسىلىچەتچىلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەلىرىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئورتاق قارارلارنى چىقىرىۋاتىمىز.»

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ بىرلىكتە سۇنغان تىنچلىق قولىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشى ۋە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇنىڭ رايون ئۈچۈن مۇھىملىقىنى، بۇ شەكىلدە كاۋكاز رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق رايونىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە تونۇپ يېتىشى لازىم.»

مىنىستىر ئاقار، كېيىنچە ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ  بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاقار، ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» ئېڭىغا ئاساسەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھازىرغىچە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز. ھەردائىم ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىمىز، ئەزەربەيجان ھېچقاچان يالغۇز ئەمەستۇر.»

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ،  ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئارا ھەمكارلىقنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئاقارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر