سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1902557
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قېتىملىق غەلىبىلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر