ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1864539
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ، تۈنۈگۈن «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىسىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، پىيادە ئەسكەرلەر مۇتەخەسسىسى رەشات ئەركىننىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى قاتتىق دەرد – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»