سۈرىيەدە 25 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «فىرات قالقىنى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 25 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1860004
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى، يەردە قالمايۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەردە قالمايدۇ. قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز، <فىرات قالقىنى> ۋە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا، ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاندۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 25 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. بۇ تېررورچىلارنى ئۆزلىرى قازغان خەندەكلەرگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»