ئەردوغان: گىرېتسىيەنى ھوشىنى يىغىۋېلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «گىرېتسىيەنى خۇددىي بىر ئەسىر ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، پۇشايماننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خام خىياللار ۋە ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە ھوشىنى يىغىۋېلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمىز» دېدى.

1840588
ئەردوغان: گىرېتسىيەنى ھوشىنى يىغىۋېلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمىز
erdogan efes 2.jpg
erdogan efes2022.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەفەس – 2022» ھەربىي مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى» دە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «چېگرا لىنىيەلىرىمىزنى 30  كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىخەتەرلىك لىنىيەسى ئارقىلىق قوغداش ئىرادىمىزنى تەدرىجىي نامايان قىلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىز چېگرالىرىنىڭ يېنىدا تېررورلۇق كارىدورى بەرپا قىلىنىشىغا يول قويمايمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىخەتەرلىك لىنىيەمىزنىڭ كەم قالغان قىسمىنى تاماملايمىز. گىرېتسىيەنى بۇ غەيرىي رەسمىي سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە، خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز. ھۆرمەتلىك (گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىئاكوس) مىچوتاكىس ئەپەندى بەلكىم بۇ ئاراللارغا ساياھەتكە بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىش بىلەن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. تۈركىيە ھېچكىمنىڭ ھەق -ھوقۇقى ۋە قانۇنىنى دەپسەندە قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە قانۇنىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغىمۇ قەتئىي يول قويمايدۇ. گىرېتسىيەنى خۇددىي بىر ئەسىر ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، پۇشايماننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خام خىياللار ۋە ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە ھوشىنى يىغىۋېلىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمىز. تۈركىيە ئەگە دېڭىزىدىكى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، شۇنداقلا، ئاراللارنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئېتىراپ قىلغان ھەق – ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىشتىنمۇ ۋاز كەچمەيدۇ.»

«ئەفەس – 2022» ھەربىي مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى»  پائالىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا باشلانغانىدى.

دوغانبەي ئېتىشلىق ھەربىي مانېۋىر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەفەس – 2022» مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى»  پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، 10 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى كۆزىتىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەتىگەنلىك پائالىيەتلىرى، نىشانغا دەل تەگكۈزۈش ماھارەتلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن تاماملاندى.

«ئەفەس – 2022» ھەربىي مانېۋىرىنىڭ «تاللانغان كۈزەتكۈچىلەر كۈنى»  پائالىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولسا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  مانېۋىر ساھەسىگە كېلىشىدىن كېيىن باشلاندى.

ئۈستىدە «جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى گىرىبى» قادالغان كۆك رەڭلىك چاپان كىيگەن ۋە «ئەفەس 2022» دېگەن خەت يېزىلغان شىلەپە كىيگەن ئەردوغان، مانېۋىرنى كۆزىتىۋاتقان مېھمان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەتلەشتى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەرنىڭ مانېۋىرھەققىدە مەلۇمات بېرىشىدىن كېيىن، مانېۋىردائىرىسىدە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشلىرى باشلاندى.

«ئەفەس – 2022» ھەربىي مانېۋىغا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، باش ئىشتاب باشقارمىسى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى، دېڭىز ساھىلى بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى، پۇقراۋى ئاممىۋى ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئالبانىيە، ئاۋستىرالىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەين، باڭلادىش، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، بۇركىنا فاسو، چېخىيە، ئېفىيوپىيە، فىرانسىيە، گامبىيە، گىرۇزىيە، ئىراق، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كامېرون، قاتار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، جەنۇبىي كورېيە، كوسوۋۇ، كۇۋەيت، شىمالىي ماكېدونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، ۋېنگىرىيە، مالايشىيا، موڭغۇلىيە، نىگېرىيە، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، رىۋاندا، سلوۋاكىيە، سومالى ۋە ئىيوردانىيەدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قىسىملار ۋە ئەترەتلەر بىلەن بىرلىكتە 1100 ى چەت ئەللىك  بولۇپ، تەخمىنەن 11 مىڭ خادىم قاتناشماقتا.

بىرلەشمە ۋە ئورتاق ھەربىي مانىۋېردا ئىشتىراكچى دۆلەت قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىل قىلىنغان ئورتاق قارارگاھ ۋە قىسىملارنىڭ ھەربىي ئىمكانىيەتلىرى ھەمدە ئىقتىدارلىرى، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئۇرۇشقا تەييارلىق سەۋىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان ھەربىي مانېۋىردا، ب د ت تىنچلىقنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي سېنارىيەسىدىن پايدىلىنىلماقتا.

«ئەفەس – 2022»ھەربىي مانېۋىرىنىڭ كېچىلىك ھەرىكەتلىرى تۈنۈگۈن (2022-يىلى 8-ئىيۇن) ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر