تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 105 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 105 كىشىىگە يەتتى.
1798522
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 295 مىڭ 4 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 17 مىڭ 32 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 18 مىڭ 269 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن ۋاكسىنا سانى 146 مىليون 435 مىڭ 701 كە يەتتى.