سۈرىيەدە تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1691657
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنىڭ كوماندىر جەڭچىلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، رايوندىكى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتۇرما زەربە بېرىشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.