فۇئات ئوكتاي 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي 15-ئىيۇل، دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

1675738
فۇئات ئوكتاي 15-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «15- ئىيۇل يۈز بەرگەن خائىنلارچە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدا بۇ نومۇسسىز ئېقىننى توختاتقان شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

فۇئات ئوكتاي ئۇچۇرىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «بىز بۇ دۇنيادا مىللەتنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن بىر كۈچنى كۆرمىدۇق، تونۇمىدۇق ۋە ئېتىراپ قىلمايمىز!» دېگەن سۆزىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، ئاخىرىغا «15- ئىيۇل يۈز بەرگەن خائىنلارچە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدا بۇ نومۇسسىز ئېقىننى توختاتقان شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى .



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر