ئەردوغان رەھبەرلەرگە «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» كىتابىنى تەقدىم قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشكەن رەھبەرلەرگە «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» كىتابىنى تەقدىم قىلدى.

1658247
ئەردوغان رەھبەرلەرگە «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» كىتابىنى تەقدىم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشكەن رەھبەرلەرگە تۈركىيەنىڭ ي پ گ/پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشى تونۇشتۇرۇلغان «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» كىتابىنى تەقدىم قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» ناملىق كىتابنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىندىن سىرت يەنە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگە تەقدىم قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىدا تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى» كىتابى، ي پ گ/پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە دائېشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلۈمدىن تەشكىل تاپىدۇ.

كىتابتا، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن كۈتىدىغانلىرىنىڭ، «ئىگىلىك ھوقۇقلىرىغا ۋە بىخەتەرلىك سەزگۈرلۈكلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى، ي پ گ/پ ك ك، دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى ئىجابىي ھالدا قوللىشى» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر