چاۋۇشئوغلۇ كىرودىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە كىرودىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
1590454
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كىرودىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش پۇرسەتلىرى بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.