سۇلايمان سويلۇ دۆلىتىگە قايتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر سايىسىدە شەكىللەندۈرۈلگەن ئىشەنچ ۋە تىنچلىق مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، ھازىرغا قەدەر 414 مىڭ 61 سۈرىيە پۇقراسىنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1509842
سۇلايمان سويلۇ دۆلىتىگە قايتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بالىقئەسىرگە قاراشلىق ئايۋالىق ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باھالاش مەسلىھەت يىغىنى»غا قاتناشتى.

سۇلايمان سويلۇ  21 - ئەسىرنىڭ تەرەققى تاپقان مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئەپسۇسكى، ئوتتۇرا شەرقتە مۇقىمسىزلىق ۋە تېرورلۇق ئۈچۈن سىنارىستلىق شۇنداقلا رېژىسسور قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلىرى بىلەن تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىدىن باشقا يەنە، خاتىرجەملىك مۇھىتى يارىتىلىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە پ ك ك غا شۇنداقلا قۇيرۇقچىلىرىغا مەيداندا شەكىللەندۇرگەن بېسىمىمىز، ئىچكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز،  ئاساسەن بىخەتەرلىكىمىزنىڭ چېگرايىمىزنىڭ سىرتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنى <تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟> دەپ ئويلايدىغانلارغا چۈشەندۈرەلمەيۋاتىمىز. لىۋىيەگە بارساق، <لىۋىيەدە نېمە ئىشى بار؟، ۋاي سۈرىيەدە نېمە نېم ئشىڭىز بار؟، شەرقىي ئاقدېڭىزدا نېمە ئىشىڭىز بار؟ ئىراقتا نېمە ئىشىڭىز بار؟> دېيىشىدۇ. كاشكى بىر ئىشىمىز بولغان بولغان بولسا...»  دېدى.

سۇلايمان سويلۇ  ئۆز دۆلىتىگە قايتقان سۈرىيەلىكلەر توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلەپ، «چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز سايىسىدە شەكىللەندۈرۈلگەن ئىشەنچ ۋە تىنچلىق مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، ھازىرغا قەدەر 414 مىڭ 61 سۈرىيە پۇقراسى دۆلەتلىرىگە قايتتى »دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر