بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 66 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 66 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1509854
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 66 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 9 مىڭ 80 گە چىقتى.
بىر كۈندە 116 مىڭ 103 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1 مىڭ 693 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 311 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 299 مىڭ 679 غا چىقتى.