چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1503444
چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن، ئۈستۈن قاراباغ رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر