تۈنۈگۈن تۈركىيەدە 42 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 42 يۇقۇملانغۇچى ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

1481813
تۈنۈگۈن تۈركىيەدە 42 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 6326 گە يەتتى. تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 91302 كىشىنىڭ 1482 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

تۈنۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان 1027 كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى 243839 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر