بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 22 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 22 كىشى قازا قىلدى.
1477115
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 22 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 80 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 92 مىڭ 227 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 203 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 772 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 235 مىڭ 569 كىشىگە يەتتى.