بىر تېررورچى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى
يەنە بىر تېررورچى قايىل قىلىش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.
1449660
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىچىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ساقچى ۋە ژاندارما قىسىملىرىنىڭ پ ك ك ئەزالىرىنى تەسلىم بولۇشقا يېتەكلەش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قايىل قىلىش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بىر تېررورچىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، 1-يانۋاردىن بۇيان قايىل قىلىش ئارقىلىق تەسلىم بولغانلار سانىنىڭ 94 كە يەتكەنلىكى تەكىتلەندى.