تۈركىيەدە تۈنۈگۈن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 23 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشى جەريانىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 23 كىشى قازا قىلدى.

1440380
تۈركىيەدە تۈنۈگۈن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 23 كىشى قازا قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بېرى جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4950 گە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 40 مىڭ 496 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1192 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 11412 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 160 مىڭ 240 قا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر