تېررورچىلار داۋاملىق تەسلىم بولماقتا

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قايىل قىلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان تېررورچىلار داۋاملىق تەسلىم بولماقتا.

1378160
تېررورچىلار داۋاملىق تەسلىم بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى، ئاندىن شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە چېگرا ئېغىزىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىك بولغان تېررورچىلار ئائىلىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلدى. بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى لاگېرلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىستانبۇل قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرىنىڭ قايىل قىلىش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە، 2015 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان، ە كېيىنچە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان پ ي د/ي پ گ نىڭ سېپىگە قېتىلغان بىر تېررورچى، قېچىپ، جەيلانپىلاردا شانلىئۇرفا ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرىگە تەسلىم بولدى.

بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پ ك ك/ي پ گ لىق 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پ ك ك/ي پ گ لىق 8 تېررورچى، «<فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى>»  رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىشكە ئۇرۇنغا ئىككى تېررورچى ئالاھىدە قىسىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر