نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 7 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1367615
نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئىسكەرتىلىشىچە، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرى پ ك ك نىڭ «<قەندىل تېغى> ئەترىتى» دىكى ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىيارباقىردا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئائىلىلەردىن بىرىنىڭ بالىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 تېررورچى قايىل قىلىش يولى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل ئىچىدە قايىل قىلىش يولى ئارقىلىق تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 48 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر