ئەردوغان بىلەن پۇتىن قوشما بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى توقۇنۇشلارنى 12 – يانۋار سائەت نۆلدىن باشلاپ توختىتىشقا چاقىردى.

1337602
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قوشما بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىستانبۇلدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، رايون مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغىمۇ ھەسسە قوشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئىراقتا پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانى ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەرنى زەربە ئوبېيكتى قىلغان ئامېرىكىنىڭ 3 – يانۋاردىكى ھۇجۇمىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

قوشما باياناتنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار بۆلۈمىدە بولسا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدا چىڭ تۇرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىككى لىدېرنىڭ باياناتىدا لىۋىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنۇ چاقىرىققا ئورۇن بېرىلدى: «نۆۋەتتىكى مۇھىم شارائىتتا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەلگىلىمىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يول تۇتۇشنى قارار قىلدۇق. بۇ دائىرىدە، مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى توقۇنۇشلارنى 12 – يانۋار سائەت نۆلدىن باشلاپ توختىتىشقا، ئەمەلىي مەيداندا مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تىرابلۇس ۋە باشقا شەھەرلەردە كۈندىلىك تۇرمۇشنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرگە تايىنىپ ئىزچىل ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشقا، لىۋىيە خەلقىنىڭ كۈلپەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ دۆلەتتە تىنچلىق ۋە باياشاتلىقنى قايتىدىن  يارىتىش ئۈچۈن دەرھال سۆھبەت ئۈستىلى ئەتراپىدا ئۇچرىشىشقا چاقىرىمىز. لىۋىيەلىكلەرنىڭ، مۇستەسناسىز ھالدا بارلىق پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغان كەڭ دائىرىلىك دىيالوگ دائىرىسىدە ۋەتەنلىرىنىڭ كېلەچەكلىرىگە مۇستەقىل ھالەتتە قارار قىلالايدىغانلىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر