ئەردوغان: غەرب ئەللىرى كۆچمەنلەر كىرىزىسىدە سىناقتىن ئۆتەلمىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ كۆچمەنلەر كىرىزىسىدە سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1325635
ئەردوغان: غەرب ئەللىرى كۆچمەنلەر كىرىزىسىدە سىناقتىن ئۆتەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۇنجى نۆۋەتلىك «يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچمەنلەر مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچمەنلەر مۇنبىرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كۆچمەننى باغرىغا بېسىۋاتقان دۆلەت تۈركىيەدۇر. دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمۇ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيامۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى،  تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە غەرب ئەللىرى كۆچمەنلەر كىرىزىسىدە سىناقتىن ئۆتەلمىدى. باي بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ شۇنداق. ھالبۇكى، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورناتقاندىلا ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ لىۋىيە بىلەن ئىمزالىغان ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئۆزگەرتكەن كېلىشىملەر، ھەمدە بۇ دائىرىدە تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر خەلقئارا قانۇنغا تامامەن ئۇيغۇندۇر. بىزنىڭ نىشانىمىز، بىرىنچىدىن، ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى قوغلاپ قېلىشتۇر، ئىككىنچىدىن، تارىخىي رېئاللىققا ھۆرمەت قىلىشتۇر. بىزنىڭ نۆۋەتتە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىمىز <سەۋر كېلىشىمى> نى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋەتتى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ئەنە شۇنداق مۇھىمدۇر.»

لىۋىيە بىلەن باسقۇچنىڭ تېزلىشىدىغانلىقى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «لىۋىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە،  تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ موسكۋاغا بېرىپ، لىۋىيە ھەم سۈرىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىمىز مۇمكىن. بۇ باسقۇچنىمۇ ئوخشاش رەۋىشتە داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر