<بۈركۈت> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقتىن ئۆتتى
تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىزدا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھېسابلىنىدىغان «بۈركۈت» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناقتىن ئۆتتى.
1276967
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى دۆلەت مۇداپىئەسى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى مىللىي پاراخوت « MİLGEM) » نىڭ سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە پاراخوتتىن پاراخوتقا ئېتىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «بۈركۈت» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناقتىن ئۆتكەن.