سىئىرتتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سىئىرتنىڭ ئەرۇھ ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بارغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1229880
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سىئىرتنىڭ ئەرۇھ ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 1 ئەسكەر يارىلاندى.
خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەرۇھ ناھىيەسىگە قاراشلىق ئاقمەشە تاغلىق رايونىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 ئەسكەر يارىلانغان.
سىئىرت دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالىنىستقا ئېلىنغان يارىدار ئەسكەرلەردىن بىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.
رايوندىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.