چاۋۇشئوغلۇ رەببانى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەلاھۇددىن رەببانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1159285
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەلاھۇددىن رەببانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەنبەلەر تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.