مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاتارىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ تۈركىيەنىڭ تاتارىستانغا سالغان مەبلەغلىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە بارلىق تۈركىيە مەسئۇللىرىغا رەخمەت ئېيتتى.

1037398
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاتارىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

مۈۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ موسكۋادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندا تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتىدە مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى، رايون خاراكتېرلىق ۋە ئۆزئارا مۇھىم تېمىلارنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتىلىرى (يەنى، پۇتىن بىلەن ئەردوغان) ۋە بىزلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئالاقە مۇناسىۋەتلەر ھەقىقەتەن ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن مۇھىم بولغانغا ئوخشاش رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، باياشاتلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن مۇھىم بىر شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ موسكۋانىڭ ئارقىدىن قازاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تاتارىستان پىرېزىدېنتى مىننىخانوۋ بولسا، تۈركىيەنىڭ تاتارىستانغا سالغان مەبلەغلىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا شۇنداقلا بارلىق تۈركىيە مەسئۇللىرىغا رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سېلىنمىلاردىن باشقا يەنە، نۇرغۇنلىغان تۈركىيە شىركەتلىرى ئوخشاش بولمىغان ساھالەردە ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى قىلماقتا» دېدى.

مىننىخانوۋ تۈركىيە بىلەن تاتارىستان ئوتتۇرىسدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئالدىنقى يىلى %40 ئاسقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە، يەنە نۇرغۇن لايىھەلەرگە بىرلىكتە ئىمزا قويىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. بولۇپمۇ بەزى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ تۈركىيە بازىرىغا كىرەلىشى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتىمىز. بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ زور دەرىجىدە قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر